Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېتىكاپ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئىسلام دىنىدىكى ئىستىقامەتنى كۆرسىتىدۇ. (1) رامىزان ئېيىدىن كېيىنكى 10 كۈندە ھەربىر مەسچىتتە كېچە - كۈندۈز ئاز دېگەندە بىردىن ئادەم قېلىپ، قىرائەت قىلىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ. بۇ ئەسلىي ئەرەبلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە دىننى تەبلىغ قىلغاندا ھەر يىلى رامىزان ئېيىدىن كېيىنكى 10 كۈندە شۇنداق ئىستىقامەت قىلغانلىقتىن داۋاملىشىپ كەلدى. ئادەتتە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ۋاقتى 10 كۈن بولىدۇ. ئاز بولسا بىر كېچە - كۈندۈز بولىدۇ. ئەرلەر مەسچىتتە، ئاياللار ئۆيىدىكى ناماز ئوقۇيدىغان جايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرىدۇ. ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا نىيەت قىلىش، داۋاملاشتۇرۇش، سەۋەبسىز ئۈزۈپ قويماسلىق، ئۈزۈلۈپ قالغان بولسا تولۇقلاش لازىم. ئىككى سائەت سەۋەبسىز ئايرىلىپ كەتسە، ئېتىكاپ بىكار بولىدۇ. (2) جۇڭگودىكى خۇيزۇلار ھەمىشە ئېتىكاپتا ئولتۇرۇپ ئىستىقامەت قىلىدۇ. ئۇلاردىكى ئېتىكاپ شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، بەزىلىرى داستىخان قۇرۇپ، كۆزىنى يۇمۇپ <نەپسىنى يىغىپ جىم ئولتۇرىدۇ>. بەزىلىرى ئۇدا 10 كۈن ئاز ئۇخلايدۇ، ئاز غىزالىنىدۇ. ئاللانى كۆپ ياد ئېتىپ، پەيغەمبەرگە قەسىدە ئوقۇيدۇ. مەسىلەن، خۇفىيەلەر <خەلىفە> بولۇشنى ئارزۇ قىلسا، ئىشىك - دېرىزىنى چىڭ يېپىپ قويۇپ قاراڭغۇ ئۆيدە ئۇدا 72 كۈنى ئىستىقامەت قىلىپ، زىكر سالىدۇ. ھەر كۈنى يېرىم پوشكال، ئۈچ تال چىلان يەپ، بىر چىنە سۇ ئىچىدۇ. شۇنداق قىلالىسا <خەلىفە> بولالايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
مەسچىت ياكى خالىي ئىبادەت ئورۇنلىرىغا كىرىۋېلىپ قىلىدىان بىر خىل يوشۇرۇن ئىبادەت شەكلى.
ئېتىكاپتا ئولتۇرماق.