Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېتورۇرىيىلىكلەر
دۇنيا تارىخى
ئىتالىيە يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى خەلق كىچىك ئاسىيادىن ئىتالىيىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئېتىرورىيە (ھازىرقى توسكانا) دە ماكانلىشىپ قالغانلارنى كۆرسىتىدۇ. يەنە بەزىلەر ئىتالىيەنىڭ يەرلىك ئاھالىسى دەپمۇ قارايدۇ. مەدەنىيىتى باشقا ئىتالىيىلىكەرنىڭكىدىن يۇقىرىراق بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە شەھەر مەيدانغا كەلگەن. كېيىن شەھەرلەر كۆپىيىپ 12 گە يەتكەن. ئاھالىسى تېرىقچىلىقنى ئاساس قىلغان ھەم سۇغىرىش، سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەلىرىنى ياسىغان. مېتال ئېرىتىش، ساپالچىلىق قاتارلىق قول سانائىتىمۇ تەرەققى قىلغان. قەدىمكى يۇنان يېزىقىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەرپلىك يېزىقى بولغان، دۆلەتكە ئاقسۆڭەكلەر ھۆكۈمرانلىق قىلغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىردە گۈللىنىپ، زېمىنى شىمالدا پو دەرياسىغىچە، جەنۇبتا كامپانىيىنىڭ كەڭ رايۇنلىرىغىچە يېتىپ بېرىپ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى يۇنانلىقلار ۋە كارفاگېنلىقلار بىلەن ئۈچ تەرەپ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. مىلادىدىن 616 يىلى ئىلگىرى رىمنى بويسۇندۇرغان. رىم پادىشاھلىق دەۋرنىڭ كېيىنكى ئۈچ پادىشاھى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئېترورىيىلىكلەردىن بولغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى رىملىقلار تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان. مىلادىدىن 474 يىلى ئىلگىرى، سىراكوزى بىلەن قۇم ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىپ مەغلۇپ بولۇپ، بارا - بارا ئاجىزلىشىپ كەتكەن. كېيىن ئۈچ قېتىملىق ۋىئى ئۇرۇشى ئارقىلىق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاخىرى رىم تەرىپىدىن يېڭىلىپ، زېمىنى رىم جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇۋېتىلگەن. ئېترورىيىلىكلەرنىڭ دىن ۋە مەدەنىيىتى رىمغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەن.