Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېتىبار
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىجابىي رول، ئاكتىپ مەنە.
ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى باشقىلارنىڭ غېمىنى يېيېش، غەم - قايغۇدا، شاد - خۇراملىقتا ئۇلار بىلەن بىللە بولۇشتا. ئېتىبار قوشقان ھەسسىدىن كېلىدۇ. قەدىر - قىممەت دۇنيا ئۈچۈن قىممەت يارىتىشتا. ئادەمنىڭ قىممىتى ئۇنىڭ نېمىگە ئېرىشكەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى قانداق تۆھپە ياراتقانلىقىدا. تۇگانى يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ ئۇلۇغلۇقنى، پاكلىقنى چۈشىنىپ، ئۇنى ئالقىشلاش تۇيغۇسى.
ھۆرمەت چوڭ بايلىقتىنمۇ قىممەت. ئادەمنىڭ ھۆرمىتىمۇ، خورلۇقىمۇ ئۆزىدىن. ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم. ئەر قەدىرىنى ئەر بىلەر، زەر قەدىرىنى زەرگەر. ئادەمنىڭ بۆكىنىڭ قىممىتى بېشىنىڭ قىممىتىگە تەڭ كەلمەس. ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى خالىس ئىش قىلىش بىلەن ئۆلچىنەر. ئېتىبارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭدىن نېمە پايدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىرەر نەرسىگە قارىتىلغان دىققەت، نەزەر؛ پەرۋا.
ئېتىبار قىلماق.
مۇنەۋۋەر بۇ كىشىگە ئانچە ئېتىبار بېرىپمۇ كەتمىدى.
نەزەرگە ئېلىش.
ۋاقىت ئېتىبارى بىلەن بىز ئۇنى كۈتمىدۇق.
قەدىر، قىممەت، ئىززەت.
سىز بالا دەردىنى تارتمىغان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىڭىزدا ئېتىبارى يوق.
كۆڭۈل بۆلۈش.
مىللەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە تەڭ ئېتىبار بەرمەيدىغان بولساق، مىللەتلەرنىڭ ئېتىپاقلىقىنىمۇ ياخشىلىيالمايمىز.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئېھتىبار، ئەتىۋار
ئەتىۋار، ئالاھىدە
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
نامى بار، نامى مەشھۇر.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
مۆتىۋەر، دىققەت-ئېتىۋارغا مۇناسىپ، ئابرۇيلۇق قىز.