Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئتىل
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئېدىل (ۋولگا).
قىپچاق ئېلىدىكى بىر دەريانىڭ نامى. بۇ دەريا بۇلغار (كاسپى) دېڭىزىغا قۇيۇلىدۇ؛ بىر تارمىقى رۇس ئېلىدىن ئېقىپ كېلىدۇ، شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
ئەتىل سۇۋى ئاقا تۇرۇر
قايا تۈپى قاققا تۇرۇر
بالىق تىلىم باقا تۇرۇر
كۈلۈڭ تاقى كۈشەرۇر
«ئېدىل سۇيى ئېقىپ تۇرار،
قىيالارنىڭ تۇۋىگە سوقۇپ تۇرار.
بېلىق، پاقا تولۇپ سوقۇپ تۇرار،
كۆلچەك تېخى تېشىپ تۇرار.»
ئېدىل دەرياسى تاغ قىيالىرىغا ئۇرۇلۇپ ئاقماقتا، دەريا سۇيىنىڭ تېشىشىدىن پەيدا بولغان كۆلچەكلەردە بېلىق ۋە پاقىلار كۆپەيمەكتە.
1 - 100