Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئبنى تۇلۇن جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مىسىردىكى مەسچىت بولۇپ، ئورنى قاھىرەنىڭ جەنۇبىدىكى تاغ باغرىدىكى دۆڭدە. بۇ مەسچىتنى ئىبنى تۇلۇن 869 - يىلى سالدۇرۇشنى باشلاپ، 10 يىلدا پۈتكۈزگەن. مەسچىت قورغان شەكىلدە بولۇپ، 26 مىڭ 143 كۋادرات مېتىر يەرنى ئىگىلىگەن. مەسچىت تورۇسىغا سىپتا ئىشلەنگەن ياغاچ تاختا يېيىتىلغان. چوڭ زالنىڭ مەركىزى 10 تال مەرمەر ئىچ تۈۋرۈك ۋە 16 تال سىرتقى تۈۋرۈكتىن تەركىب تاپقان ئالتۇن گۈمبەز بىلەن يېپىلغان. گۈمبەز ئاستىدا فونتانلىق كۆل بار. چوڭ زال ۋە ياندىكى زاللار خىش تۈۋرۈك ۋە گەج ئويمىلىق تاش تۈۋرۈك قويۇلغان كارىدوردىن تەركىب تاپقان. ياغاچتىن ئىشلەنگەن زەدۋال تاختايلارغا «قۇرئان كەرىم» دىكى سۈرىلەر كۇفە نۇسخىسىدا يېزىلغان. ئىچكى - سىرتقى زاللارغا 42 ئىشىك، 129 دېرىزە، 130 چىراغ ئورنىتىلغان. چوڭ زالدىكى بەش مېھراب ئوخشىمىغان يىللاردا سېلىنغان، شۇنداقلا ئوخشىمىغان ئەھلى فىقھەلەرگە ۋەكىللىك قىلغان. پەشتاقنىڭ ئېگىزلىكى 40 مېتىر بولۇپ، ئۇنىڭغا سىرتىدىكى پەلەمپەي بىلەن ئايلىنىپ چىققىلى بولىدۇ. قۇرۇلۇشنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا ئاباس سايمال شەھىرىنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبى ئىپادىلەنگەن. بۇ مەسچىت تەۋەلىكىدە مەدرىسە بار. Ⅸ ئەسىردىن ⅩⅣ ئەسىرگىچە فەتىھەلەر بۇ يەردە دەرس ئۆتكەن ھەمدە يېتىم - يىسىرلارغا ئەمىر مەرۇپ قىلىپ تۇرغان.