Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىستېمال
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشلىتىش، پايدىلىنىش.
<قىلماق> بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ئىستېمال بۇيۇملىرىنى كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىپ، خەلقنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئۆسۈپ بېرىۋاتقان ماددىي ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى قامداش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. ئىستىپادە قىلىشقا بولىدىغان ھەممە ۋاقىت، ھەممە نەرسىدىن ئىستىپادە قىلىش لازىم.
دۇنيا تارىخى
ئىجتىمائىي مەھسۇلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئىستېمالى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى، خام ئەشيا ۋە يېقىلغۇ قاتارلىقلارنىڭ سەرپىياتىنى كۆرسىتىدۇ، يەنىلا ئىشلەپچىقىرىش دائىرىسىگە كىرىدۇ. شەخسىي ئىستېمال كىشىلەرنىڭ شەخسەن ئۆزىنىڭ ماددىي ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي مەھسۇلاتلارنى سەرپ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ ئىجتىمائىي تەكرار ئىشلەپچىقىرىشنىڭ زۆرۈر شەرتى ۋە ئالدىنقى شەرتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە ئېيتىلىدىغان ئىستېمال كېيىنكىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئىستېمال ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بەلگىلىنىدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىشلەپچىقىرىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى قارىمۇ - قارشى بىرلىك مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت. بىرلىك ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمگەك كۈچلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىستېمالى جەريانىدا ئىپادىلىنىدۇ، شەخسىي ئىستېمال جەريانى ئەينى ۋاقىتتا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ تەكرار ئىشلەپچىقىرىش جەريانى بولىدۇ؛ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال بىر - بىرىگە بېقىنىدۇ؛ بىرى - بىرىنى شەرت قىلىدۇ، شۇنداقلا مۇئەييەن شارائىتا بىر - بىرىگە ئايلىنىدۇ، يەنى بىر - بىرىنىڭ قارشى تەرىپىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇنىڭدىكى زىدددىيەت ۋە قارىمۇ قارىشىلىق ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەتتە ئوخشاش بولمىغان خاراكتېرگە ۋە ئىپادىلىنىش شەكلىگە ئىگە بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمالنىڭ ئايرىلىپ قېلىشى ۋە ئانتاگونىيىلىكى كاپىتالىزمنىڭ ئىقتىسادىي كرىزسىدا ئەڭ روشەن مەلۇم بولىدۇ. سوتىسيالىزم جەمئىيىتى پىلانلىق ئىگىلىك بىلەن تاۋار ئىگىلىكىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئىستېمال ئوتتۇرىسىدىكى ئانتاگونيىلىك زىددىيەتنى يېڭىپ، خەلقنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ مەقسىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.