Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىسرا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كېچىسى ماڭدۇرۇش، تۈندە سەير قىلدۇرۇش؛ ئەۋەتىش، يوللاش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
كېچىسى يۈرگۈزمەك، تۈندە سەير قىلدۇرماق؛ ئىبەرمەك، يوللىماق.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى «كېچىدىكى سەپەر» دېگەنلىك بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە قەيت قىلىنشىچە، ئاللا«بەندىسىنى(يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) بىر كېچىدە مەسچىدى ھەرامدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسچىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى ،(17 - سۈرىنىڭ 1 - ئايىتىدىن). تەپسىر قىلىنىشچە،«ئىسرا»بىلەن «ھىراج»مەنىداش كېلىدۇ. «بەندىسى» دېگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسچىدى ئەقسا جەننەتكە ئوخشىتىلىدۇ؛ بۇنىڭدىن باشقا، مەسچىد ئەقسا دېگەندە ئېرۇسالىم كۆزدە تۇتىلىدۇ. كېيىن بۇ سۆزلەر بىرلەشتۈرۈلۈپ، كېچىسى ئېرۇسالىمنى ئايلانغاندىن كېيىن مىئراجغا چىقىش كۆزدە تۇتۇلىدىغان بولدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ھىجرەتتىن ئىلگىرىكى بىر كېچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى مەسچىد ھەرام يېنىدا ئۇخلاۋاتقاندا پەرىشتە جىبرىئىل ئۇنى ئويغىتىپ، بۇراققا مىندۇرۇپ ئېرۇسالىمغا ئېلىپ بېرىپتۇ ھەمدە جەننەتكە ئېلىپ چىقىپ ، ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆرۈشتۈرۈپتۇ، تاڭ ئاتقاندا مەككىگە ياندۇرۇپ كەپتۇ. بەزىلەر بۇنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشىدە كۆرگەن، دەيدۇ. لېكىن، ئەنئەنىۋى ئەقىدىدە بۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئويغاق ۋاقىتىدىكى بىۋاسىتە كەچۈرمىشى، دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرىدۇ.