Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىستىلىستىكا
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
تىلشۇناسلىقتىكى مەخسۇس بىر تارماق. ئۇ مەنە ۋە ھەرخىل تىل ماتىرياللىرىنى قانداق قوللىنىش مەسىلىلىرىنى ۋە ھەر تۈرلۈك ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنى قوللىنىپ ئىدىيە ۋە ھېسياتنى مۇۋاپىق ئىپادە قىلىشنى تەتقىق قىلىدۇ.ئۇ ئىستىلىستىك ھالەتلەرنىڭ قائىدىلىرىنى ، ئىستىلىستىك كۆز قاراشلار سېستىمىسىنى ئېچىپ بىرىدۇ. ئۇ كىشىلەرنى ھەرخىل ئىستىلستىك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ۋە ئىجاد قىلىپ ئىپادىلىمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى مۇۋاپىق ئىپادىلەشكە يېتەكلەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
تىلشۇناسلىق
تىلشۇناسلىقنىڭ بىر تارمىقى. تىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ پىكىر ۋە ھېسسىياتنى ياخشى ئىپادىلەشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تەتقىق قىلىدۇ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستىلىستىكىلىق قائىدە - قانۇنىيەتلەرنى، ئۇسۇللارنى، تىل ۋاستىلىرىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىيېكتى قىلىدۇ.