Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىستىلام قىلىش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھەج قىلغان چاغدىكى قائىدىلەرنىڭ بىرى. ھەج قىلىدىغانلارنىڭ بەيتۇللانى ئايلانغاندا ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. كىشىلەر بەيتۇللانى تاۋاپ قىلغاندا ئاغزىدا ئوقۇپ تۇرۇشى، كۆڭلىنى چاچماسلىقى، ھەر قېتىم ھەجەرۇل ئەسۋەدنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە ئۇنى سۆيۈپ ياكى سىلاپ قويۇپ ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. ھەج قىلىدىغانلار بەك كۆپ بولۇپ كېتىپ ھەجەرۇل ئەسۋەدكە يېقىن بارالمىغانلار بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسىمۇ ياكى قولىنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلسىمۇ بولىدۇ.