Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىشراقىيە تەلىماتچىلىقى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچىلىق پەلسەپە ئېقىمى بولۇپ، نۇرلۇقلار مەزھىپى دەپمۇ ئاتالدى. بۇ تەلىماتنى Ⅻ ئەسىردە پرسىيىلىك تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما شىھابىددىن سۇھرەۋەردى (1153 - 1191) بەرپا قىلدى. ئۇنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇرەككەپ جەرياننى باشتىن كەچۈرى. قەدىمكى شەرق دۇنياسىدا قۇياش كۆتۈرۈلگەن شەرق تەرەپنى نۇرنىڭ ماكانى دەپ قاراپ، ئەقىل - پاراسەت ۋە بىلىمنى نۇرغا ئوخشاتتى. قۇياش پاتقان غەرب تەرەپنى قاراڭغۇلۇق ماكانى دەپ قاراپ، نادانلىق بىلىمسىزلىكنى قاراڭغۇلۇققا ئوخشاتتى. شۇنىڭ بىلەن يورۇقلۇق ۋە ئويغىنىش توغرىسىدىكى تەلىمات بارلىققا كەلدى. Ⅹ ئەسىردە تەسەۋۋۇپچى ئۆلىمالار ئەسەر يېزىپ، مەنىۋى چېنىقىشنىڭ يولى ۋە ئىبادەت ئۇسۇللىرىنى شەرھلەپ، تەسەۋۋۇپچىلىق ئەقىدىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. كېيىن تەرجىمە ھەرىكىتى ئارقىلىق گرېك پەلسەپە ئىدىيىسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىدىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىردى. بولۇپمۇ يېڭى ئەپلاتونىزمچىلارنىڭ <تېشىش تەلىماتى> ئەبۇ نەسىر فارابى، ئىبن سىنا قاتارلىق ئسىلام پەيلاسوپلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، ئىسلام ئۆلىمالىرى ئۇلارغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلدى. ئاللا نۇرىنىڭ يورۇتۇشى بىلەن <ھەقىقىي بىلىم> ۋە <ھەقىقەت> كە ئىگە بولۇش ئىدىيىسى Ⅺ ئەسىردىكى تەسەۋۋۇپچىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالدى. ئۇنى سىستېمىلاشتۇرۇش ۋە نەزەرىيىلەشتۈرۈش جەريانىنى ئىشراقىيە تەلىماتچىلىرى تاماملىدى. سۇھرەۋەردى قەدىمكى گرېك پەيلاسوپلىرىنىڭ ئىدىيىسىنى ۋە ئەجەمدىكى زورو ئاستروىزمنىڭ ياخشىلىق - يامانلىق بىلەن يورۇقلۇق، قاراڭغۇلۇق توغرىسىدىكى تەلىماتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ پىشىۋالىرى، بولۇپمۇ ھەللاج ۋە غەززالىنىڭ ئىدىيىسى ئاساسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئىسلان دۇنياسىدا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىلاھىي نۇر ئىدىيىسىنى يىغىنچاقلاپ، ئىشراقىيە تەلىماتىنى ياراتتى. كېيىنكى تەسەۋۋۇپچى ۋە مىستىتسزم پەيلاسوپلىرى بۇ تەلىماتنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشراقىيە تەلىماتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ تەلىمات ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا رايونلىرىغا كەڭ تارقالدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئاللانىڭ زاتى مۇتلەقتۇر. بۇر يورۇتقانلىقتىن ئالدەمدىكى مەۋجۇداتلار مەۋجۇت بولىدۇ، كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ؛ نۇر ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسىدۇر. ئاللانىڭ نۇرى پۈتكۈل ئالەمنى ئىدارە قىلىپ تۇرىدۇ، ماكرو ئالەمنىڭ، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ، يۇلتۇز - بۇلۇتلارنىڭ تەرتىپىنى بەلگىلەيدۇ. ئالەمدىكى مەۋجۇداتلار دەرىجىسى ئوخشىمىغان يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇقتىن بىرىككەن بولىدۇ؛ نۇرنىڭ يورۇتۇشى بولمىسا، ھېچنەرسە مەۋجۇت بولمايدۇ؛ نۇر ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسان بىلىمىنىڭ مەنبەسىدۇر؛ ئىنسان نۇرنىڭ يورۇقىدا بىلىم ۋە ھەقىقەتكە ئىگە بولىدۇ. نۇر بولمىسا، نادانلىق ۋە بىلىمسىزلىك ئىچىدە قالىدۇ. ئىنساننىڭ تونۇش جەريانى ئاللانىڭ <مۇتلەق نۇرى> نىڭ يورۇتۇش ۋە ئويغىتىش جەريانىدۇر. يورۇقلۇق ئاسمان جىسىملىرىنىڭ روھى (پەرىشتىلەر) نى ۋاستە قىلىدۇ. ئىنسان روھىدا تۇغما يورۇقلۇق بولغاچقا، يورۇتۇش مۇمكىن بولىدۇ. ئىنسان روھى كۆرگىلى بولىدىغان ئاسمان جىسىملىرى دۇنياسىنى مەنبە قىلىدۇ. نۇرنىڭ يورۇتۇشى بىلەن ئۇلاردىكى ئىنكاس ئوخشاش بولمىغاچقا، روھنىڭ رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئىنسان بۇ دۇنيادا ھايات يۈرسە، روھ مەھكمۇم ھالەتتە بولىدۇ. دۇنيادىكى تەمەدىن قول ئۈزگەندە روھ ئاسمان جىسىملىرى دۇنياسىغا قايتىپ ئەركىنلىككە ئىگە بولالايدۇ. شۇڭا ئىنسان رىيازەت ۋە ئىبادەت ئارقىلىق روھىنى پاكلىشى لازىم. مەنىۋى جەھەتتىكى ئىستىقامەت يولى نۇرنىڭ يورۇتۇشىنى ئىزدەش جەريانىدۇر. ئىشراقىيە تەلىماتى تەسەۋۋۇپ ئىستىقامىتىنى مىستىتسىزملىق پەلسەپە قاتلىمىغا كۆتۈرۈپ، كەڭ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىر پەيدا قىلدى. ⅦⅩ ئەسىردە ئىراندا باش كۆتۈرگەن ئىسفەھانىيە تەشەببۇس قىلغان ھېكمەتۇللا ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى شەيخىيە تەلىماتتا پەرقلەنسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئىشراقىيەدىن سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ.