Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىشچى ھەرە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
زوئولوگىيە
ھەسەل ھەرىلىرى ئىچىدىكى كۆپىيىش ئورگىنى مۇكەممەل تەرەققىي قىلمىغان چىشى ھەرە. تېنى كىچىك، سېرىققا مايىل كۈل رەڭ كېلىدۇ. قانىتى ئۇزۇن بولۇپ، ئۇچۇشقا ماھىر كېلىدۇ، نەشتىرى بار. قورساق قىسمىدا موم ماددىسىنى ئاجرىتىپ چىقىرىدىغان موم بېزى بار، ئارقا ئىككى پۇتىدا چاڭدىنى بار. ئادەتتە ئۇ كۆنەك ياساش، گۈل چېڭى ۋە گۈل شىرنىلىرىنى يىغىش، لىچىنكا ھەم ئانا ھەرىلەرنى بېقىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدۇ، ئۇرۇقلىنالمايدۇ.