Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئورىتىسكىي
دۇنيا تارىخى
(1873 - 1918) روسىيىلىك ئىنقىلابچى. چېركاس شەھىرىدە تۇغۇلغان. كىيېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1898 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1899 - يىلى سۈرگۈن قىلىنغان. 1903 - يىلى روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىدىن كېيىن مېنشېۋىك بولۇپ كەتكەن. 1905 - يىلدىكى ئىنقىلاب مەزگىلدە پېتربۇرگدا خىزمەت قىلغان. 1914 - يىلى چەت ئەلدە سەرگەردان بولۇپ تۇرغان. 1917 - يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن پېتربۇرگقا قايتىپ كېلىپ <رايون بىرلەشمىسى> بىلەن بىرلىكتە بولشېۋىكلار پارتىيىسىگە قاتناشقان ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىش پارتىيە باش شتابىغا سايلانغان ۋە پېتروگراد ئۆكتەبر قوراللىق قوزغىلىڭىنى تەشكىللەشكە قاتناشقان. 1918 - يىلى پېتروگراد ئەكسىلئىنقىلابچىلارنى تازىلاش كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى سۇيىقەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن.