Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئورىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
1( بىرەر نەرسىنى باشقا نەرسە بىلەن ھەممە تەرەپلىرىنى بېكىتىپ، يېپىپ قويماق؛ 2) ئەتراپىدىن ئايلاندۇرۇپ باغلىماق، جايلىماق.
ئوسمان تاماكىنى چىرايلىق ئورايدۇ. ئورىغانغا ئۇيالما. بالىنى يۆگىكى بىلەن يۆگەپ قوي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر نەرسە بىلەن ھەممە تەرىپىنى يېپىپ يىغماق، بەلگىلىك شەكىلدە يۆگىمەك.
ئۇ يەرگە چۈشۈپ كەتكەن چىشىنى ئېلىپ ھېلىقى لاتىغا ئوراپ يانچۇقىغا سالدى.
قاپلىماق، قورشىماق، تۆت ئەتراپىنى توسماق.
گۇگۇم بارا - بارا قارا پەردىسى بىلەن زېمىننى ئورىدى.
ئەتراپىغا جۇغلاشماق، ئارىغا، ئوتتۇرىغا ئېلىۋالماق.
قىزلار ۋاھاپنى ئورىۋېلىپ چۇرقىراشتى.
مەلۇم نەرسىنى يەنە بىر نەرسە ئۈستىگە يۆگىمەك، ئايلاندۇرۇپ قاتمۇقات ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرماق.
ئۇ قامچىنىڭ دەستىسىگە تاسما ئورىدى.
ياپماق، توسماق.
ئۇ ئېغىز - بۇرنىنى ئورىۋالغان يۇڭ شارپىسى بىلەن خۇددى ھەجۋىي رەسىمگە ئوخشاپ قالغانىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
توقۇلمىلارنىڭ يىپ تالالىرىنى چۇۋۇماق، بۇزماق، تاراتماق.
پايپقىمنى سىم ئىلىۋېلىپ ئورىۋەتتى.