Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئون سەككىز سۈرە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<خەتمە قۇرئان سۈرىلىرى> مۇ دېيىلىدۇ. جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى <قۇرئان كەرىم> دىن تاللانغان ئون سەككىز ئۇششاق سۈرە (جۈملىدىن 86 -، 87 -، 93 -، 94 -، 97 -، 99 -، 102 -، 103 -، 105 -، 106 -، 107 -، 108 -، 109 -، 110 -، 111 -، 112 -، 113 -، 114 -، سۈرىلەر) نى شۇنداق دەپ ئاتايدۇ. 1 -، 2 -، 36 -، 67 - سۈرىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، خەتمە قۇرئاننىڭ بىر خىلى ھېسابلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار ھەر ۋاخ ناماز ئوقۇغاندا سۈرە فاتىھەنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، خالىغان بىر سۈرىنى تاللاپ ئوقۇسا بولىدۇ.