Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئون سەككىز كىشىلىك كومىتېت
دائىرە: دۇنيا تارىخىنېدېرلاندىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە، نېدېرلاندىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى فلاندېرس بىلەن برابانت ئۆلكىلىرىدىكى بەزى شەھەرلەردە 1577 - يىلى قۇرۇلغان شەھەرلىك ئىنقىلابىي ھاكىمىيەت ئورگىنىدۇر. بۇنىڭ ئەزالىرى ئارىسىدا قول سانائەتچى، سودىگەر، قول سانائەت ئۇستىخانىسىنىڭ ئىشچىلىرى ۋە كالۋىنچى بۇرژۇئازلار بار ئىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: شەھر مۇداپىئەسىنى تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ قوغدىنىش قوراللىق كۈچلىرى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش؛ چېركاۋنىڭ مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ ۋە بايلاردىن باج ئېلىپ، ھەربىي ئېھتىياج ۋە خەيرىيەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىش، ۋەھاكازالار. بريۇسسېل 18 كىشىلىك كومىتېتى نېدېرلاندىيە ئۈچ تەبىقىدىكىلەر كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي خەلقنى قوراللاندۇرۇشنى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورگانلىرىدىك ئەكسىيەتچىلەرنى ۋە ئىسپانىيە غالچىلىرىنى تازىلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغانىدى. 1585 - يىلى، ئىسپانىيە دائىرىلىرى فلاندېرس ۋە برابانتنى قايتىدىن كونترول قىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى 18 كىشىلىك كومىتېت ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.