Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوكتوپۇس
بىئولوگىيە
سەككىز بېغىشلىق سىياھبېلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. باش پۇتلۇقلار سىنىپىنىڭ ئوكتوپۇسلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ. گەۋدىسى قىسقا، يۇمىلاق تۇخۇم شەكلىدە، سىرتقى قاپچۇقى، ئۈزگۈچ قانىتىمۇ يوق. تۆت جۈپ بېغىشى بولۇپ ھەممىسىلا ئۇزۇن، سېزىش بېغىشى يوق، بېغىشلىرىنىڭ تۈۋىنىڭ ئارىلىقىدا كەڭرەك پەردە بولىدۇ، بېغىشلىرىنىڭ ئىچكى تەرىپىدە ساناقسىز شورىغۇچ تەخسىلىرى بولىدۇ. يەككە جىنسلىق، ئەركىكىنىڭ ئوڭ يېنىدىكى ئۈچىنچى بېغىشى ئالاھىدىلىشىپ چىتىشىش بېغىشىغا (پېنىس بېغىشى) ئايلانغان، ئاخىرقى ئۇچى قوشۇقسىمان بولۇپ، چېتىشىش ۋاقتىدا چىشى تەنىنىڭ سىرتقى غىلاپ بوشلۇقىغا ئۇزىراپ كىرىپ سپېرمىنى چىشى تەنىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. ئادەتتە بەدىنىدە سىياھ خالتىسى، خالتىدىكى سىياھ سۇيۇقلۇقىدا زەھەر (توكسىن) ماددىسى بولۇپ، دۈشمىنىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدۇ. دېڭىز ياقىلىرىدا ياشايدىغان تۈر ھېسابلىنىپ، تولىراق نېپىز دېڭىزلاردا خادا تاشلارغا ئورەك ھازىرلاپ ماكانلىشىدۇ. ئوكتوپۇس يىرتقۇچ گۆشخور ھايۋان بولۇپ بېلىق، راك، قىسقۇچپاقا ھەم باشقا نۇرغۇنلىغان قۇلۇلىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوزۇقلۇقى ھېسابلىنىدۇ. ئوكتوپۇس تۇخۇمىنى باشقا قۇلۇلىلەرنىڭ قاپچۇقىنىڭ ئىچىگە سېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. تۇخۇمىنىڭ تولىسى ئۇزۇن يۇمىلاق، خۇددى گۈرۈچ دانلىرىغا ئوخشايدۇ. ئەتىيازنىڭ ئاخىرى، يازنىڭ باشلىرىدا تۇخۇم سالىدۇ. دېڭىز ياقىلىرىدىكى بېلىقچىلار ئۇنىڭ تۇخۇم سېلىش ئادىتىدىن پايدىلىنىپ، ئاغامچىغا قىزىل قۇلۇلە قاپچۇقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ دېڭىز تېگىگە چۆكتۈرۈپ ئۆز ۋاقتىدا چىقىرىۋېلىش ئارقىلىق ئوكتوپۇسلارنى تۇتىدۇ. قىشتا ئادەتتە چوڭقۇرراق سۇ ياكى قۇم - لايلارغا ماكانلىشىدۇ. مەملىكىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى قىسقا ئوكتوپۇس (O.ochellatus)، ئۇزۇن بېغىشلىق ئوكتوپۇس (O.variabilis) ۋە ئادەتتىكى ئوكتوپۇس (ھەقىقىي ئوكتوپۇس، O.vulgris) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. يېڭى پېتى يېيىشكە، قۇرۇتۇپ ئىستېمال قىلىشقا ياكى قارماق يېمى قىلىشقا بولىدۇ.