Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئوكا مۇرانېيجى
دۇنيا تارىخى
(1884 - 1966)، ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنېرالى، ئۇرۇش جىنايەتچىسى. 1913 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1925 - 1927 - يىللىرى جۇڭگو مىلىتارىستى سۇن چۇەنفاڭنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1928 - يىلى جىنەنگە تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1932 - يىلى شاڭخەيگە ئەۋەتىلگەن قوشۇننىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى بولغان. كېيىن كانتون ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب شاشلىقى بولغان. 1933 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى قىستاپ <تاڭگو كېلىشىمى> گە قول قويغۇزغان. 1934 - يىلى شتاب باشقارمىسى ئىككىنچى باشقارمىنىڭ باشلىقى بولغان. 1936 - يىلى ئىككىنچى دىۋىزىئوننىڭ كوماندىرى بولغان. 1938 - يىلى 6 - ئايدا 11 - ئارمىيىنىڭ قوماندانى بولغان. 1941 - يىلى 7 - ئايدا <شىمالىي جۇڭگو يۆنىلىش ئارمىيىسى> نىڭ قوماندانى بولغان، 1944 - يىلى 8 - ئايدا ئالتىنچى يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، شۇ يىلى 11 - ئايدا <جۇڭگوغا ئەۋەتىلگەن ئارمىيە> نىڭ باش قوماندانى بولغان. جۇڭگودا كۆيدۈرۈپ تۈگىتىش، ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىش، بۇلاپ تۈگىتىشتىن ئىبارەت <ئۈچ تۈگىتىش سىياسىتى> نى ۋەھشىيلىك بىلەن يولغا قويغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن جۇڭگونىڭ يەنئەن تەرىپىدىن ياپونىيە باش ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن جياڭ جيېشى تەرىپىدىن قانات ئاستىغا ئېلىنىپ، مەخپىي ھەربىي مەسلىھەتچى قىلىنىپ، جياڭ جيېشى ئۈچۈن ئازاد رايونلارغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىشىپ بەرگەن. 1949 - يىلى 2 - ئايدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قويۇپ بېرىشى بىلەن، ۋەتىنىگە قايتىپ كەتكەن. 1956 - يىلى كونا ھەربىيلەر تەشكىلاتى ياپونىيە يۇرتداشلار ئىتتىپاقى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى بولۇپ، مىلىتارىزمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشقان.