Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئويۇق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تامدىن چىقىرىلغان، نەرسە - كېرەك تىزىپ قويىدىغان يەر.
«يوغا» ئاقسۇ شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
تەكچىدە نۇرغۇن نەرسىلەر تىزلغانىدى. ئويۇقنىڭ ئىچى لىق تولدۇرۇلغانىدى.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
كەشتە نۇسخىسى، ئەندىزە؛ تەكچە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۈرلۈك نەرسە - كېرەكلەرنى قويۇش ئۈچۈن ئۆي ۋە ھويلا تاملىرىنى ئويۇش ياكى ئۆي تاملىرىغا يۆلەپ مەلۇم ئېگىزلىكتە تام قوپۇرۇش يولى بىلەن چىقىرىلغان جاي، تەكچە.
ئويۇقتا ئورۇن - كۆرپە نامى بىلەن بىر قۇچاق ئەسكى - تۈسكى نەرسىلەر تىزىپ قويۇلغانىدى.
قاشتېشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىنى كولاپ بوشىتىلغان بوشلۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. ئەندىزە، كەشتە نۇسخىسى، تەكچە.