Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئويۇنچى
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ئويۇن كۆرسەتكۈچ، سەھنىدە ياكى كوچىدا تۈرلۈك ئويۇنلارنى ئويناپ چىققۇچى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
چالماق، مۇزىكا چالغۇچى، ئۇسسۇلچى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئويۇن - تاماشىغا بەك ئامراق، ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان؛ ئويۇنقېپى.
ئويۇنچى بالا.
ئى. ئومۇمەن ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرى ۋە سېرىك ئويۇنلىرىنى تاماشىبىنلار ئالدىدا ئويناپ كۆرسەتكۈچى ئارتىس.
بىزنىڭ يېزىغا تۇرپان سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئويۇنچىلىرى كېلىپ ئۈچ مەيدان ئويۇن قويدى.