Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆز ئۆزىنى تەربىيلەش قابىلىيىتى
پسىخولوگىيە
بۇ كوللېكتىپ ياكى شەخسنىڭ ئۆزىنى تەربىيلىشىدىن ئىبارەت. بۇنىڭ مەزمۇنىغا ئۆزى ئۆگىنىش، ئۆزىنى باھالاش، ئۆزىنى يېتىلدۈرۈش، تاۋلىنىش، ئۆز ئۆزىنى تەڭشەش، ئۆزىنى ئۆزگەرتىشلەر كىرىدۇ. ئۆز ئۆزىنى ياخشى تەربىيلەش كوللېكتىپ ياكى شەخسنىڭ ئوڭۇشلۇقى تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم شەرتى. شۇنىڭدەك تەربىيىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنىڭ زۆرۈر شەرتى. ئادەم تۇغۇلۇشى بىلەنلا ئۆز ئۆزىنى تەربىيلەيدىغان بولمايدۇ. ئۆزىنى ئۆزى تەربىيلەش قابىلىيىتى يۈكسىلىشنىڭ ئىچكى ئالدىنقى شەرتى، ئۆزىنى ئاڭقىرىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى. تەربىيىچىنىڭ تەربىيىسى پەقەت تاشقى شەرتتىن ئىبارەت.