Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆز ئۆزىنى تەربىيلەش
پسىخولوگىيە
بۇ ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ مۇھىم تەدبىرى ۋە يولى. تەربىيلەش تاشقى ئامىل، ئۆز - ئۆزىنى تەربىيلەش ئىچكى ئامىل. تەربىيلەش ئۆز ئۆزىنى تەربىيلەش ئارقىلىق رول ئوينايدۇ. بۇلار بىر بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەم ئۆزئارا ماسلىشىدۇ. ئەخلاقىي تەربىيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسەتلىرىدىن بىرى تەربىيلەنگۈچىنى ئۆز ئۆزىنى تەربىيلەش قابىلىيىتىگە ئىگە، ئۆز ئۆزىنى باشقۇرالايدىغان، ئۆز ئۆزىگە تەلەپ قويالايدىغان، ئۆز ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرەلەيدىغان، ئۆز ئۆزىنى تىزگىنلىيەلەيدىغان قىلىش، تەربىيە ۋەزىپىسى ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز ئۆزىنى تەربىيلەش ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ، ھەمدە ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ.
ئۆز ئۆزىنى تەربىيلەش جەريانىنىڭ ئاساسىي ھالقىلىرى: (1) مۇددىئانىڭ بارلىققا كېلىشى. يەنى كىشىگە مۇئەييەن ئەخلاقىي قائىدە ۋە ھەرىكەت مىزانىغا رىئايە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئاڭقارغان، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە قويغان ئەخلاقىي تەلەپلەرنى ئېنىق بىلگەن بولۇشى، ھەمدە بۇ تەلەپلەرنىڭ توغرىلىقى، قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى، ھەم ئۇنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەنگەن بولۇشى؛ (2) ئۆزىنى چۈشىنىش. يەنى ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش، ئۆز ئۆزىنى ئانالىز قىلىش ۋە باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، كامچىلىقىنى چۈشىنىپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، كامچىلىقىنى تۈزىتىپ، باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېتىشسىزلىكىنى تولدۇرالايدىغان بولۇش؛ (3) پىلان تۈزۈش. يەنى تەربىيىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقى، كەمچىلىكىگە قارىتا، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي تەرتىپىنى بېكىتىش؛ (4) ھەرىكەتتە تاۋلىنىش. يەنى ئۆز ئۆزىنى تەربىيلەش جەريانىدا ئۆز ئۆزىگە ۋەدە قىلىش، ئۆز ئۆزىنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۆز ئۆزىگە بۇيرۇق بېرىش، ئۆز ئۆزىنى نازارەت قىلىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، قەتئىي ئىشەنچىگە كېلىپ، داۋاملىق چىڭ تۇرىدىغان بولۇش.