Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆزگەرگەن تۈر
بىئولوگىيە
تۈردىن تۆۋەن تۇرىدىغان كلاسسىفىكاتسىيىلىك بىرلىك. ئوخشاش بىر تۈر ئىچىدىكى بەزى ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكلىرى جەھەتتە ئەسلىدىكى تۈر بىلەن بەلگىلىك پەرقى ھەمدە بەلگىلىك جۇغراپىيىلىك تارقىلىش ئالاھىدىلىكى بولغان بىر توپ يەككە تەن. مەسىلەن، سپېلتا بۇغدىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرىدىكى بەزى سورتلارنىڭ ئەسلىگە كېلىش كۈچى T تىپلىق ئاتىلىقى يېتىلمەسلىك لىنىيىسىگە قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ. ئۆزگەرگەن تۈر كۆپىنچە ئۆسۈملۈكلەردە ئىشلىتىلىدۇ، ھايۋانلاردا ئازراق ئىشلىتىلىدۇ.