Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆزگە
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
باشقا، غەيرىي، يات:
ھۇزۇرى غەيرىدىن گەرچە ھەرىمى قۇدس ئېرۇر فارىغ،
كى تۇپراق ئۆزگەدىن تاپماقغە بولدى پاسىبان ئاندا.
ئەرشى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆزدىن غەيرىي، ئۆزگە يات.
ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، باشقىنى شىر چاغلا، ئۆيى باشقىنىڭ مۇڭى باشقا. ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي. نېمىشقا لازىم ئۆزگىگە تايانماق، ئۆزگىگە تايىنىپ تەستۇر جان باقماق. تۈتۈنى بۆلەكنىڭ تۆشۈكى بۆلەك.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزدىن بۆلەك، ئۆز ھېسابلانمايدىغان.
ئۆز
ئۆزى، ئۆزىگە ياتىدىغان.
ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلگەن يېڭىلمەيدۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىنىدىن ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى. ئاناڭ ئۆگەي بولسا، ئاتاڭ ئۆزۈڭنىڭ ئەمەس. ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ. پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگىگە (سال). ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. يات يېگۈچە، ئۆز ئۆلگۈچە. ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي، يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ. يامۇلنىڭ ئىشىكى يوچۇن، كىرەلمەيسەن پۇلۇڭ يوق ئۈچۈن. باشقىنى خورلىغىنىڭ - ئۆزۈڭنى ئويلىمىغىنىڭ. كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ. خەقنىڭ ئىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. بىراۋنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئورنىغا قوي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئۆزىدىن باشقا كىشى؛ ناتونۇش ئادەم.
ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي (ماقال).
سۈپ. ئۆزى بىلمەيدىغان، تونۇمايدىغان؛ ئۆزى بىلەن تونۇشلۇقى يوق، يات، باسقا؛ تىلغا ئېلىنغان، كۆزدە تۇتۇلغان ئادەم ياكى نەرسىدىن تاشقىرى.
ۋەتەندىن ئۆزگە يارىم يوق، ۋەتەننى سۆيگىنىم بەختىم، ۋەتەن ئىشقىدا مەجنۇندەك ئۆمۈرلۈك كۆيگىنىم بەختىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
باشقا، غەيرىي، يات؛ ياخشى، گۈزەل؛ ئىككى تاغ ئارىسىدىكى ئېقىنلار بىرلەشكەن يەر؛ دەريانىڭ باشلانمىسى؛ يېقىشلىق، قىزىقىچ.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
باشقا، باشقا نەرسە، باشقا كىشى