Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆزگىچە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشقىلىرىغا ئوخشىمايدىغان، ئادەتتىكىدىن باشقاراق.
ئۆزگىچە يول تۇتقان ئوزار. ئۇ مەسىلىنى باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلدى. باھارگۈل بۆلەكچە ياسىنىۋاپتۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان، ئۆزدىن غەيرىي، ئايرىم تەرزدە.
باشقىچە يول تۇتۇش كېرەك. ئەلدىن بۆلەكچە بولساڭ، ئاۋايلا. ئۆزگىچە تۇرمۇش كەچۈرۈش تەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
باشقىلىرىغا ئوخشىمايدىان، ئادەتتىكىدىن باشقىچە.
ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىدا مەتقۇربان يەتكۈزگەن ئەھۋالدىن ئۆزگىچە بىر نېمە يوق.