Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆرپ ئادەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
«ئۆرپ - ئادەت»ئۇزاق يىل داۋامىدا ئۆگىنىپ، كۆنۈپ قالغان تەرتىپ، قىلىق، خۇي.
ئاغرىق قالار، ئادەت قالماس. ئادەت قېرىساڭمۇ كەتمەس، يۇساڭمۇ تۈگىمەس. زامان باشقا، قائىدە قاچان بولسا لازىم. ھەر يەرنىڭ ئۆز يوسۇنى بار. قائىدە - يوسۇننى بىلمەيدىغان ئۆيگە ئايالىڭنى ئاپارما. رىمغا بارساڭ، رىمنىڭ رەسىمىنى ئۆگەن. رەسىم - يوسۇن ئەخلاققا ياتىدۇ. ئوغۇل بالىنى خەتنە قىلماق _ سۈننەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئومۇمەن بىرەر خەلق ياكى مىللەتكە بىر قەدەر ئورتاق بولغان ۋە شۇ خەلق، مىللەت ئىچىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى يوسۇن، ئادەت؛ قائىدە - يوسۇن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى.