Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆر
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
يۇقىرى، تۆپىلىك.
ئەمدى يولنىڭ ئۆرىگە كەلدۇق. * ياخشى ئەر ئېلىنى ئۆرگە باشلايدۇ، يامان ئەر گۆرگە (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
ئۆرمەك، ئۆرۈش. ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تال - تال نەرسىنى ئۆز ئارا ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن بىرلەشتۈرمەك.
چاچ ئۆرمەك. * ئارغامچا ئۆرمەك.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يۇقىرىلىق، ئېگىزلىك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
<ئۆد> كە ئوخشاش؛ كەپەز تارساغۇق ئۆرتە - كېۋەز تېرىيدىغان مەزگىلدە.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
(« - ۋاۋ» ھەرپى يۇمشاق تەلەپپۇز قىلىنىدۇ) تون ياكى كەمزۇلنىڭ قولتۇقى.
1 - 63
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خائىنلىق قىلماق، يۈز ئۆرۈمەك