Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى
دۇنيا تارىخى
روسىيە ئىشچىلار سىنىپى لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، نامرات دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب. ئۇ روسىيە كالېندارى بويىچە 1917 - يىلى 10 - ئايدا يۈز بەرگەنلىكتىن ئۆكتەبر ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان. ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا چار روسىيە جاھانگىرلىكىنىڭ ھەممە زىددىيەتنىڭ مەركەزلەشكەن نۇقتىسى، خەلقئارا پرولېتارىيات ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى بولۇپ قالغانىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، روسىيىدە ئىجتىمائىي زىددىيەت كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلىشىپ، ئىنقىلابىي ۋەزىيەت تېز پىشىپ يېتىلگەنىدى، لېنىن سوتسىيالىزم ئاز ساندىكى، ھەتتا بىرلا كاپىتالىستىك دۆلەتتە ئالدىن غەلىبە قازىنىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدىكى تەلىماتنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشچىلار سىنىپىنى قوراللاندۇرغانىدى. 1917 - يىلدىكى فېۋرال ئىنقىلابىدا، چار پادىشاھ تۈزۈمىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى، بۇرژۇئازىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىشچى - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتى تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ ئاياغلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى. شۇ يىلى 4 - ئايدا لېنىن ئۆز ۋەتىنىگە قايتىپ بېرىپ، مەشھۇر <ئاپرېل تېزىسلىرى> نى ئېلان قىلىپ، دېموكراتىك ئىنقىلابتىن سوتسىيالىستىك ئىنقىلابقا ئۆتۈش پىلانىنى تۈزگەن، كەينىدىنلا بولشېۋىكلار ئاپرېل، ئىيۇن، ئىيۇل نامايىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلغان. ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ھاكىمىيەت پۈتۈنلەي ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قولىغا ئۆتكەن، 7، 8 - ئايلاردا بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ 6 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش فاڭجېنى بېكىتىلگەن. 9، 10 - ئايلاردا ئىنقىلابنىڭ ۋەزىيىتى تامامەن پىشىپ يىتىلگەن. جايلاردىكى سوۋېتلەر ئارقا - ئارقىدىن بولشېۋىكلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان؛ ئەسكەرلەر ۋە ماتروسلار ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىنقىلاب تەرەپكە ئۆتكەن؛ ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشى، دېھقانلارنىڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشى ۋە چېگرا رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتى مىسلىسىز يۈكسەلگەن. بولشېۋىكلار پارتىيىسى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنى زورلۇق كۈچ ئارقىلىق ئاغدۇرۇپ، <پۈتۈن ھاكىمىيەت سوۋېتلەرگە مەنسۇپ> دېگەن شوئارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرغان. 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى (مىلادى 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى) قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ رەھبىرىي ئورگىنى - ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتى قۇرۇلغان ھەمدە ستالىن قاتارلىق بەش كىشىدىن تەركىب تاپقان پارتىيە باش شتابى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ رەھبەرلىك يادروسى سۈپىتىدە سايلانغان، يەنە مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ قوزغىلاڭغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن مەخسۇس خادىم ئەۋەتىلگەن. 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە (مىلادىن 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى)، پايتەخت پېتروگراد ئاساسىي جەھەتتىن ھەربىي ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرغان. شۇ كۈنى كېچىدە، <ئاۋرورا> ناملىق كرەيسىر ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاي - قىشلىق سارايغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىرىنچى توپ ئوقىنى ئاتقان، پېتروگراد ئىشچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرى شۇ ھامان قىشلىق سارايغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىككىنچى كۈنى سەھەردىلا قىشلىق ساراينى ئىشغال قىلغان، ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنى قولغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كېچىدە سىمولنى سارىيىدا پۈتۈن روسىيە ئىشچى - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى سوۋېتىنىڭ 2 - قۇرۇلتىيى ئېچىلغان، 26 - كۈنى <ئىشچى، ئەسكەر، دېھقانلارغا مۇراجىئەتنامە> ماقۇللىنىپ، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقى، پۈتۈن ھاكىمىيەتنىڭ سوۋېتقا مەنسۇپ بولىدىغانلىقى جاكارلانغان؛ يەنە <تىنچلىق پەرمانى>، <يەر قانۇنى> ماقۇللانغان. ئىككىنچى كۈنى، لېنىن رەئىسلىكىدىكى بىرىنچى نۆۋەتلىك سوۋېت ھۆكۈمىتى - خەلق كومىتېتى تەشكىللەنگەن. 1917 - يىلى 10 - ئايدىن ئىككىنچى يىلى 2 - ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ كەينى - كەينىدىن غەلىبە قىلغان. ئۆكتەبر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسى، دۇنيانىڭ ئالتىدىن بىر قىسمىدىكى زېمىندا كىشىنى كىشى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان تۈزۈمنى يوقىتىپ، پرولېتارىيات دىكتاتۇرلۇقىدىكى تۇنجى دۆلەتنى قۇرۇپ چىقىپ، ھەرقايسى ئەللەرنىڭ پرولېتارىيات ئىنقىلابى ۋە مۇستەملىكە، يېرىم مۇستەملىكىلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى.