Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆكتەبر پەرمانى
دۇنيا تارىخى
تولۇق ئاتىلىشى: <يەر ئىگىلەش شەرت چەكلىمىسىنى كېڭەيتىش ۋە يەر مۈلكىدىن ئىختىيارىي پايدىلىنىش ھەمدە يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى پەرمان>. پرۇسسىيىنىڭ باش ۋەزىرى ستېين ئېلان قىلغان يانچىلارنى بېقىندىلىق مۇناسىۋەتتىن ئازاد قىلىش توغرىسىدىكى پەرمان. 1807 - يىل 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئېلان قىلىنغانلىقتىن <ئۆكتەبر پەرمانى> دەپ ئاتالغان. بۇ پەرماندا، دېھقانلارنىڭ بارلىق تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىش ۋە دېھقانلارغا جىسمانىي ئەركىنلىك ۋە ماكان تۇتۇش ئەركىنلىكى بېرىش كېرەك، بىراق دېھقانلار بۇنىڭ ئۈچۈن يۇنكىر پومېشچىكلارنىڭ بارلىق مەجبۇرىيىيىتى ۋە ئالۋان - ياساقلىرىنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. پەرماندا ئىسلاھاتنىڭ ئۈزۈل - كېسىل بولمىغانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.