Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆگەنمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر ئىش - ھەرىكەت قىلىش يولى، ئۇسۇلى ۋە بىلىم، تەجرىبە، ماھارەت قاتارلىقلارنى ئۆزلەشتۈرمەك، ئىگىلىمەك.
ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەنمەك. تېخنىكا ئۆگەنمەك. ئىلىم ئۆگەنمەك.
دىققەت ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىپ تەكشۈرۈپ ياخشى بىلمەك، چۈشىنىپ يەتمەك، چۈشىنىۋالماق.
جەمئىيەتنى ئۆگەنمەك. تۇرمۇش ئۆگەنمەك.
ئىلمىي تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە بىرەر نەرسە ياكى ھادىسىنىڭ نېمىلىكىنى، خاراكتېرىنى، تەبىئىيىتىنى بىلمەك، تەتقىق قىلماق.
ئۇيغۇر شىۋىلىرىنى ئۆگەنمەك.
بۇ شىنجاڭغا چىقىپ ئىشلىگەن تۆت يىلنىڭ مابەينىدە تىلنىلا ئەمەس، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشى، ئۆرپ - ئادىتىنىمۇ پۇختا ئۆگەنگەنىكەن.
ئۆرنەك قىلماق، ياخشى دەپ قارالغان تەرەپلىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلماق، ئۈلگە ئالماق.
بىز ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىمىز.
بىرەر نەرسە ياكى ئىش - ھەرىكەت بىلەن دائىم شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ قالماق، ئۇنىڭغا ئادەتلەنمەك، كۆنمەك.
يالغۇزلۇققا ئۆگەنمەك.
ئۇ ھەر قايسى بالىنىڭ ئۆزىگە خاس مىجەزىگە يارىشا مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگەندى.