Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئۆگەي
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەسلى قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولماي، نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغان بالا ئۈچۈن ئاتا - ئانا، ئاتا - ئانا ئۈچۈن بالا ئۆگەي دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئومۇمەن ئۆز ئەمەس، يات.
يەرگە تەرنىڭ ئۆگىيى يوق، خوتۇنغا ئەرنىڭ. ئۆگەي ئانىنىڭ دەردى تازا ئۆتكەن بالامنىڭ ئۆتمۈشىگە ھازىرغىچە ئېچىنىمەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزدىن بۆلەك، ئۆز ھېسابلانمايدىغان.
ئۆز
ئۆزى، ئۆزىگە ياتىدىغان.
ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلگەن يېڭىلمەيدۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىنىدىن ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى. ئاناڭ ئۆگەي بولسا، ئاتاڭ ئۆزۈڭنىڭ ئەمەس. ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ. پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگىگە (سال). ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. يات يېگۈچە، ئۆز ئۆلگۈچە. ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي، يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ. يامۇلنىڭ ئىشىكى يوچۇن، كىرەلمەيسەن پۇلۇڭ يوق ئۈچۈن. باشقىنى خورلىغىنىڭ - ئۆزۈڭنى ئويلىمىغىنىڭ. كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ. خەقنىڭ ئىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. بىراۋنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئورنىغا قوي.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ئۆگەي.
ئۆگەي ئاتا _ ئۆگەي ئاتا. ئۆگەي ئوغۇل _ ئۆگەي ئوغۇل. ئۆگەي قىز _ ئۆگەي قىز.
1 - 166
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئالدىدىكى بالىلارنىڭ ئۆز ئاتاياكى ئاپىسى ئەمەس (بالىلارغا نىسبەتەن).
ئۆگەي ئاتا. ئۆگەي ئانا.
ھازىرقى ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنى ئۆزى تۇغمىغان (ئاتا ياكى ئاپىغا نىسبەتەن).
ئۆگەي ئوغۇل. ئۆگەي قىز.
بىر ئانىدىن تۇغۇلمىغان ياكى بىر ئاتىدىن بولمىغان، ئانىسى ياكى ئاتىسى باشقا (پەرزەنتلەر بىر - بىرىگە نىسبەتەن).
نەچچە قېتىم ئۆلۈپلا تۈگىشەي دەپ ئويلىدىم. ئۆگەي بولسىمۇ يەنە شۇ ئىنىمغا تارتىشىپ، دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ كەلدىم.
كۆچمە. يات.
باشقا يۇرتتىن كەلدى دەپ ئۆگەي كۆرۈپ قالارمۇ.