Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىنۇگامنۇمىتاسۇكى
دۇنيا تارىخى
ئىنۇگامنۇ سەنتيەنسى دەپمۇ ئېلىنىدۇ. ياپونىيىنىڭ سۈي سۇلالىسىگە ۋە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى. مىلادى 614 - يىلى (سۇ ئىكوتېننونىڭ 22 - يىلى. سۈي سۇلالىسى دايە يىللىرىنىڭ 10 - يىلى) سۈي سۇلالىسىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىلگەن. كېيىنكى يىلى ئەلچى بەيجىگە ھەمراھ بولۇپ دۆلىتىگە قايتقان. 630 - يىلى تىننو (شۇمىڭنىڭ 2 - يىلى، تاڭ سۇلالىسى جىنگۇەن يىللىرىنىڭ 4 - يىلى) تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلىدىغان ئەلچىلىككە تەيىنلىنىپ جۇڭگوغا يەنە كەلگەن. 632 - يىلى تىننو شۇمىڭنىڭ 4 - يىلى ( تاڭ سۇلالىسى جىنگۇەن يىللىرىنىڭ 6 - يىلى) تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىللە ياپونىيىگە بارغان.