Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىنەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەمدى، ئەندى، كېيىن، ئارقىدىن. ياردەمچى سۆز:
ئول دېدىكى، ئەۋۋەل كۆڭلۈڭنى سەھۋ ۋە غەفلەتدىن مۇجەرەد قىل ۋە ھەۋادىن نەفسىڭنى ۋە لەغۋدىن تىلىڭنى، ئىنەك تەجەررۇد ھاسىل بولدى.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۈت ئەمگۈزگۈچى، ئاچا تۇياق ھايۋان، قۇيرۇقىنىڭ ئۇچىدا ئۇزۇن تۈك بولىدۇ. بۇ يەردىكىسى سېغىن كالا.
سىيىر باقساڭ ئۈستى ئۇلاغ، ئاستى بۇلاق. ئورۇق سىيىرنىڭ پوقى يوغان. كالا سۇ ئىچسە، موزاي مۇز يالار. ئىنەككە سۈت كۆرسەتمە، ئەخمەققە قىز. ئىنەك قارا بولغىنى بىلەن سۈتى ئاق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
چىشى كالا، سىيىر.
ئىنەكنىڭ سۈتى ئاغزىدا (ماقال).