Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىنكاس
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەينەك، سۇلار ۋە باشقا يالتىراق نەرسىلەر ئۈستىدە كۆرۈنگەن تەسۋىر، شۇ تەرىقىدە، بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ يەنە بىر ئىش - ھەرىكەتتىكى كۆرۈنۈشى.
ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىپ، جېدەل تېرىش - نادانلىقنىڭ ئىنكاسى. سۈزۈك سۇدا ئۆز ئەكسىنى كۆرگەن قىز ئۇزاقتىن ئۇزاق قاراپ تۇردى.
پسىخولوگىيە
بۇ ئادەم ۋە ھايۋانات ئورگانىزمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەر تەسىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىش خىزمىتىنى (فۇنكسىيىسىنى) كۆرسىتىدۇ. بۇ ھايۋانلارنىڭ تاشقى تەسىرنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇ نەرسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى پەرقلەندۈرۈپ بەلگىلىك ئۇسۇل بىلەن جاۋاب بېرىشىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ قابىلىيەت ھايۋاننىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىگە قاراپ پەرق قىلىدۇ: ئىپتىدائىي مەخلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش فۇنكسىيىسىگە بىۋاسىتە قىلىنغان غىدىقلاشتىن تەسىرلىنىدۇ؛ نېرۋا سىستېمىسى ۋە مېڭىگە ئىگە ھايۋانلار سىگناللىق رولىغا ئىگە غىدىقلاشنى سېزىدۇ ۋە ئىدراك قىلىدۇ؛ مەسىلەن: ھايۋان بەلگىلىك ئاۋاز، ھىد (پۇراق) قاتارلىق سىگناللارغا ئاساسلىنىپ ئوزۇقلۇق تاپىدۇ؛ ئادەم مېڭىسى سەزگۈ، ئىدراك ۋە تەپەككۇر قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق رېئاللىقنى ئىنكاس قىلىدۇ. بىۋاسىتە سېزىپ ئىدراك قىلغان شەيئىنىڭ تاشقى ھادىسىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، شەيئىنىڭ ماھىيىتى بىلەن قانۇنىيىتىنى ئىنكاس قىلىدۇ. ئادەم پسىخىكىسى ئالىي دەرىجىلىك ئىنكاس شەكلىدۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەينەكتە، سۇدا، ئومۇمەن يالتىراق نەرسە يۈزىدە ئەكس ئەتكەن تەسۋىر؛ ئەكس.
<پەلس> ئوبيېكتىپ شەيئنىڭ ئادەملەرنىڭ سەزگۈ ئەزالىرىغا تەسىر قىلىشىدىن پەيدا بولغان تەسۋىر؛ بىلىش، ئادەمدىكى تۇيغۇ، تەسەۋۋۇر، ئىدىيە، ئوقۇم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوبيېكتىپ دۇنيانىڭ كىشىلەر مېڭىسىدە ئەكس ئېتىش شەكلىدۇر.
<پىسخول> ھايۋان ئورگانىزمنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئىلەرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرۇش ئىقتىدارى