Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىنكار
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
رەت قىلىش، قوبۇل قىلماسلىق، ئىنكار؛ قايتىش، تېنىش:
ئىنكار ئېلىدىن كۆزۈڭنى يۇم، باقما ئاڭا،
كىم باقتى ئاڭا دىدەئى ھەق بىن كەتتى.
گۇمنام.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يوق دەپ ئېيتماق، تانماق، قوبۇل قىلماسلىق، رەت قىلماق، ئىشەنمەسلىك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى. تەن ئالماسلىق، قوبۇل قىلماسلىق، تەستىقلىماسلىق؛ رەت.
ئىنكار قىلماق.
ئى <پەلس> شەيئىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئايلىنىشى ئىلگىرى سۈرگۈچى تەرەپ.
ئىنكارنى ئىنكار قىلىش قانۇنىيىتى.
سۈپ. تەن ئالمىغان، قوبۇل قىلىنمىغان ياكى قىلىنمايدىغان، رەت قىلىنغان، تەستىقلانمىغان.
ئىنكار تېئورېما. ئىنكار شەكىل. ئىنكار قاپقاق. ئىنكار مەسىلە.