Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىنچىكە ئۈچەي سۇيۇقلۇقى
بىئولوگىيە
ئىنچىكە ئۈچەيگە جايلاشقان بەزلەر ئاجراتقان ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى. ئۇنىڭ ئاجرىتىش مىقدارى ۋە تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىش دائىرىسى چوڭراق. مۆلچەرلىنىشىچە، يېتىلگەن ئادەملەرنىڭ كۈنىگە ئاجرىتىدىغان مىقدارى 1 - 3 لىتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۇ بىر خىل شىلىمشىقراق سۇيۇقلۇق بولۇپ، تەركىبىدە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق پارچىلىرى بولىدۇ. مىكروسكوپتا كۆزەتكەندە پارچىلارنىڭ ئىچىدە شىلىمشىق سۇيۇقلۇق، ئۈچەي ئېپىتېلىيە ھۈجەيرىلىرى ۋە خروستال تەنە قاتارلىقلار بارلىقىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. سۇيۇقلۇق ئاجىز ئىشقارلىق رېئاكسىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ. تەركىبىدە كۆپ خىل ھەزىم قىلىش ئېنزىملىرى بولىدۇ؛ (1) ئېنتېروكنازا ترىپسىنوگېننى ئاكتىپلاشتۇرۇپ ترىپسىنگە ئايلاندۇرىدۇ. (2) ئامىلازا ۋە لىپازا كراخمال ۋە مايلارنى پارچىلىيالايدۇ. (3) ئېرىپسىن، ئالبۇمىنوزا ۋە پېپتونلارنى ئامىنو كىسلاتاسىغا پارچىلايدۇ. (4) مالتازا، ساخارازا، لاكتازالار، ماس دىساخارىدلارنى مونوساخارىدلارغا پارچىلايدۇ. ئىنچىكە ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاساسلىق رولى ھەزىم قىلىش يولىدا تېخى تولۇق ھەزىم قىلىنماي قالغان يېرىم ھەزىم قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ پارچىلاپ ئاخىرقى مەھسۇلاتلارغا ئايلاندۇرۇپ ئىنچىكە ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈشىگە قولايلىق يارىتىشتىن ئىبارەت.