Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىنچىكە يىپلىق مەزگىل
بىئولوگىيە
سان كېمەيتىپ بۆلۈنۈشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى Ⅰ خروموسومىلارنىڭ مورفولوگىيىلىك ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن يەنە بەش مەزگىلگە بۆلۈنىدۇ، ئىنچىكە يىپلىق مەزگىلى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچى مەزگىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، خروماتىنلار قىسقىراشقا باشلايدۇ، ئىنچىكە، ئۇزۇن، ئەگرى - بۈگرى خروموسوما يىپچىلىرى ھاسىل بولىدۇ، خروموسوما يىپچىلىرىدا نۇرغۇنلىغان تەسۋىسىمان خرومېرلار بولىدۇ.