Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى
دائىرە: دۇنيا تارىخىئامېرىكا زۇڭتۇڭى روزۋېلىت <يېڭى سىياسەت> نى يولغا قويغان مەزگىلىدىكى لاتىن ئامېرىكىسىغا قارىتىلغان دىپلوماتىيە سىياسىتى. روزۋېلىت 1933 - يىلى 3 - ئايدا سۆزلىگەن زۇڭتۇڭلۇققا ئولتۇرۇش نۇتقىدا <دۇنيا سىياسىي ساھەسىدە مەن دۆلىتىمنى ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتىگە ئەمەل قىلدۇرىمەن> دەپ جاكارلىغان. ئۇنىڭ ئەسلى مەنىسى پۈتۈن يەر شارىغا قارىتىلغان بولسىمۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرى ئۇنى پەقەت غەربىي يېرىم شارغىلا قارىتىپ ئېتىلغان، دەپ چۈشەنگەن. روزۋېلىت بۇنداق چۈشىنىشكە سۈكۈت قىلغان، شۇڭا <ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى> ئەمەلىيەتتە ئامېرىكىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى سىياسىتىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ بىر قاتار شەرتنامىلەر ۋە يىغىن قارارلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھۇلل 1933 - يىلى 12 - ئايدا مونېتدىدېئودا ئۆتكۈزۈلگەن فان ئامېرىكا يىغىنىدا بىر دۆلەتنىڭ باشقا بىر دۆلەت ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى بولمايدۇ، دەپ ئېيتقان. <ئىناق قوشنىدارچىلىق سىياسىتى> شوئارى ئاستىدا، ئامېرىكا نىكاراگوئا ۋە كارىب رايوندىن ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەن، <پلاتت تۈزىتىلگەن لايىھىسى> نى ئەمەلدىن قالدۇرغان، پاناماغا ئارىلىشىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن، ۋەھاكازالار. ئەمما لاتىن ئامېرىكىسى رايونىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن سىڭىپ كىرىش ۋە تاجاۋۇز قىلىشنى كۈچەيتكەن ھەمدە پايدىلىق پۇرسەتلەرنى تاللاپ، لاتىن ئامېرىكىسى ئەللىرىگە قوراللىق مۇداخىلە قىلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.