Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىناقلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىتتىپاق - ئىناق ھالەت.
ئىتتىپاقلىق - كۈچ. ئىتتىپاقلىق - غەلىبە. ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى - بايلىقنىڭ بېشارىتى. بايلىق بايلىق ئەمەس، بىرلىك بايلىق. بىرلىك بولمىسا تىرىكلىك بولماس.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئورتاق ئاساس ۋە نىشان ئاستىدا زىچ ئۇيۇشماق.
ئىتتىپاقسىزلىق، ئىناقسىزلىق
ئىتتىپاق - ئىناق بولالماسلىق، ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق يوقلۇق.
ئىتتىپاقلىق - كۈچ. ئىتتىپاقلىق بولمىغان ئۆيدە بەرىكەت يوق. ئىناقلىق بولمىغان ئۆيدە ياشاش - دوزاختا ياشاش. ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە. بىرلىك بولمىسا، تىرىكلىك بولماس. ئىتتىپاقسىزلىق توزدۇرىدۇ. ئائىلىنىڭ ئىناقسىزلىقى - بەختسىزلىكنىڭ باشلىنىشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىناق ھالەت، ئىتتىپاقلىق.
ھەممە كىشى ئىتتىپاقلىققا، ئىناقلىققا ئەھمىيەت بېرىشتەك ياخشى كەيپىيات تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە.