Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېكس نۇرى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
فىزىكا
دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنتايىن قىسقا بولغان ئېلېكتر ماگنىت دولقۇنى. ئۇ ئىنتايىن كۈچلۈك تېشىپ ئۆتۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، فوتو سۈرەت لېنتىسىغا يورۇقلۇق سەزدۈرىدۇ، بەزى ماددىلارنى يالتىراق نۇر چىقارغۇزىدۇ ھەمدە جىسىملارنى ئىئونلاشتۇرىدۇ، بەدەندىكى كىلېتكىلارغا نىسبەتەن قاتتىق بۇزغۇنچىلىق رولى بار. پەن - تېخنىكىدا ۋە تېببىي داۋالاشتا كەڭ قوللىنىلىدۇ.