Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئېكەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىغنى ئىتتىكلىتىدىغان بۇيۇم، سايمان، مەخسۇس تاش.
«كاپ» كۆندىن ياسىلىدۇ.
بىلەي تاش قاپتالدا، ئېسىل سۆز يۈرەكتە. چاق ھېچنىمىنى كېسەلمىسىمۇ پىچاقنى ئىتتىكلىتىدۇ. قايراق قاچان بولسا بولسۇن پىچاققا دوست. ئۇستىرا كاپ بىلەن، خوتۇن كىشى لاپ بىلەن. پەرىشانلىق ئۆمۈرنىڭ ئېكىكى. ئېكەككە دوقاقنى كەلتۈرۈپتۇ، ھۈررەككە پوقاقنى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مېتال، ياغاچ، تېرىنىڭ ئۈستىنى پارقىرىتىش، ئىتتىكلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قىرغۇچ ئەسۋاب.
<كارىمگال> قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
ھەرىنى ئېكەكلە، ئىشىڭنى پۈتتۈر. كاسىۋال كارغا كەلمىسە، ئۇستام ئالدىرايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ماشىنىسازلىق
مېتاللارنى قىرىش (ئېكەكلەش) ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىرخىل قول سايمىنى، يۈزىگە ئۇششاق بىس چىقىرىلغان بولۇپ، ياپىلاق، ئۈچبۇلۇڭ يۇمىلاق، چاسا قاتارلىق ھەرخىل شەكىللەردە بولىدۇ. چوڭ - كىچىكلىكىمۇ ئوخشىمايدۇ