Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىككىلىك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
شۈبھە، ئىككىلىنىش؛
بىزنى داغى ئاندا كۆرگەي بىر تۇفەيل،
قىلماغاي كۆڭلى ئىككىلىك سارى مەيل.
نەۋايى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئىككى بارماق قېلىنلىقىدىكى.
سۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىك مۇز تۇتۇپتۇ.
سۈپ. ئىككىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئىككىدىن ئىبارەت بولغان.
ئىككىلىك سان.
سۈپ. ئىككى يەنى <2> رەقىمى چۈشۈرۈلگەن، يېزىلغان (قارتا ھەققىدە).
ئىككىلىك تاپان. ئىككىلىك قاغا. تاپاننىڭ ئىككىلىكى.
ئى <ئەد> ئىككى مىسرالىق شېئىر، مەسنەۋى (شېئىر ھەققىدە).