Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىككىلەنمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىككى خىل ئىش - ھەرىكەتنىڭ ئارىسىدا بىر خىلىغا ئۆتمەي ئىككى ئارىدا تۇرماق.
ئارىسالدى بولغان ئېشەكنى بۆرە يەر. ئارىسالدى بولغان ئادەم ئاسان ئازار. چوققىغا چىقىشتىن قورققان ئويماندا ئىككىلىنىپ يۈرەر. تامغا مىنگەن ئارماندا قالىدۇ. دېلىغۇل بولساڭ، دەرد تارتىسەن. ئىككى خىيال يۈرۈپ، كۆرگەن كۈنۈڭ شۇمۇ؟
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
ئىككى خىيال بولماق، قەتئىي بىر پىكىرگە كېلەلمەي ئارىسالدى بولماق، تەۋرەنمەك.
ئامىنە سەل ئىككىلەندى - يۇ، شۇ ھامان قەتئىي قارارغا كېلىپ ئىشىكىنى ئاچتى - دە، كوچىغا چىقىپ كەتتى.