Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىجتىمائىي ئەخلاق
پسىخولوگىيە
بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا شەكىللەنگەن جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ تۇرمۇشىنى تەڭشەيدىغان ئەخلاقىي قېلىپ. بۇ بىر جەمئىيەتتىكى سىنىپلار، قاتلاملار ۋە ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشى، نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋە ئالاقىلىشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ بىر خىل تەدبىرى. ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى نورمال ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاشنىڭ ئورتاق تۇرمۇش ئۆلچىمى. ئېلىمىز جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي ئەخلاقى سوتسىيالىستىك تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان ئەخلاقىي ئۆلچەم ۋە قېلىپى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسىي قاتلىمى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پەلسەپە
كىشىلەر ئىجتىمائىي ھاياتتا ئىتائەت قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي ئەخلاق. ئۇ خۇسۇسىي پەزىلەتنىڭ تەڭدىشى بولۇپ، كوللېكتىپ، تەشكىلات، سىنىپ بىلەن ھەتتا پۈتكۈل جەمئىيەت، پۈتكۈل مىللەت ۋە دۆلەت بىلەن ئالاقىدار ئىجتىمائىي ئەخلاقنى كۆرسىتىدۇ.