Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئىجتىمائىي بىئولوگىيە
بىئولوگىيە
ئېۋوليۇتسىيە نۇقتىئنەزەرىدن پايدىلىنپ ھايۋانلارنىڭ (ئىنسانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىجتىمائىي ھەرىكەتنىڭ بىئولوگىيىلىك ئاساسىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى ۋە ئىسانلارنىڭ جەمئىيەت تەشكىلى ھەمدە ئىجتىمائىي ھەرىكىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشىنىشنى يېڭى ۋاستىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان پەن. ئۇ سوتسىئولوگىيە، سىياسەت، قانۇنشۇناسلىق ۋە نەزەرىيەشۇناسلىقنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا ئىجتىمائىي پەن بىلەن تەبىئىي پەننى باغلاپ تۇرىدىغان كۆۋرۈك. بولۇپمۇ بىئولوگىيىنى ئىجتىمائىي پەنگە ئېلىپ بارىدىغان كۆۋرۈك. ئىجتىمائىي بىئولوگىيىنى ئامېرىكىلىق بىئولوگىيە ئالىمى ۋىلسون (Edwardowilson) كەشىپ قىلغان. ئۇنىڭ <ئىجتىمائىي بىئولوگىيە: يېڭى ئۇنىۋېرساللىشىش> دېگەن كىتابى 1975 - يىلى ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئىجتىمائىي بىئولوگىيە دۇنياغا كەلدى. نۆۋەتتە، بۇ پەن يەنىلا تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېيىش ۋە تاكامۇللىشىشقا مۇھتاج.