Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
一夫一妻制家庭
دۇنيا تارىخى
بىر ئەر - بىر خوتۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە
خاس جورىلىق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە ياكى بىر جورىلىق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بىرئەر بىر خوتۇننىڭ تۇرمۇش قۇرۇشى(ئۆز ئالدىغا بىللە ياشاش) ئاساس قىلىنغان نىكاھ ۋە ئائىلە شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. ئالاھەزەل ياۋايىلىق دەۋرنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى جۈپ نىكاھلىق تۈزۈمدىكى ئائىلىدە بىخلىنىپ، ياۋايىلىق دەۋرنىڭ يۇقىرى باسقۇچىدىكى پاترىئارخاللىق تۈزۈمىنى باشتىن كەچۈرگەن. ياۋايىلىق دەۋرىدىن مەدەنىيەت دەۋرىگە قەدەم قويغاندائاخىرى چوڭ جەمەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ، يەككە ئائىلە بولۇپ شەكىللەنگەن ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ئارىيانلارچە تۇغقانچىلىق تۈزۈمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. بىرئەربىرخوتۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە مېتال قورال دەۋرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى يەككە ئائىلىنى ئىشلەپچىقىرشنى ئۆزئالدىغا مۇستەقىل ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغانلىقىنىڭ، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە ھۆكۈمرانلىق ئۇرۇن تۇتقانلىقى ھەمدە خۇسۇسىي مۈلۈككە ئىگە بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئېكسپىلاتاتسىيە قىلغۇچى سىنىپلار جەمئىيىتىدە، بىرئەربىرخوتۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە پاترىئارخاللىق ۋە ئەرلەر ھوقوقى ھۆكۈمرانلىقى(ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار پەس) ئاساسىدا تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، نىكاھ قىلىشتا مۇئەييەن ئاتا جەمەتىدىن بالا تۇغۇلۇپ، ئۇنى ئاتىنىڭ مۈلكىگە ۋارىسلىق قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. بۇنداق نىكاھ ئوڭچە ئىگىلەش ۋە خاس بولۇش بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ، ئەمما كۆپ ھاللاردا ئەرلەر تەرىپىدىن بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئاياللارنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى ساقلىشى بىر تەرەپلىمە تەلەپ قىلىنىش بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ، شۇڭا بۇزۇقچىلىق بىلەن نۇمۇسنى سېتىش ئۇنىڭغا مۇقەررەر ھەمراھ بولىدۇ. سوتسىيالىستىكجەمئىيەتتە، ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىلىرىگە بولغان ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمى ئورنىتىلغاچقا، يەككە ئائىلىلەرنىڭ ئەسلى خاراكتىرى پەيدىنپەي ئۆزگىرىپ، ئەرئاياللار باراۋەربولۇش ۋە ئەرخوتۇن بىربىرىنى چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈش ئاساسىدا ھەمدە سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېتەكچىلىكىدە يېڭى تىپتىكى بىرئەربىرخوتۇنلۇق تۈزۈم ئاساسىدىكى ئائىلە چوقۇم بارلىققا كېلىدۇ.