Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەرەب بىرلەشمىسى
دۇنيا تارىخى
ئىراق - ئىئوردانىيە بىرلەشمىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىراق بىلەن ئىئوردانىيە قۇرغان بىرلەشمە. 9581-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنى مىسىر بىلەن سۈرىيە ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنى تەشكىللىگەن، ئىراق بىلەن ئىئوردانىيە بۇ ھەرىكەتكە قارشى تۇرۇپ، ئەنگلىيىنىڭ يول كۆرسىتىشى ئارقىسىدا 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەرەب بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. بىرلەشمىدە ئىككى دۆلەت يەنىلا مۇستەقىللىكنى ساقلاپ قالغان ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەتلىرى بولغان، لېكىن ھەربىي، دىپلوماتىيە، مالىيە، مائارىپ قاتارلىق ئىشلارنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش بىر تەرەپ قىلىغان. ئىراق پادىشاھى فايسال ئىككى (1935 - 1958) بىرلەشمىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە ئىككى دۆلەت ئارمىيىسنىڭ ئالىي باش قوماندانى بولغان. كېيىن ئىئوردانىيە پادىشاھى ھۈسەيىن (1935 -) ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلغان. 3-ئايدا بىرلەشمىنىڭ ئاساسىي قانۇنى ئېلان قىلىنىپ، ئىراقنىڭ باش ۋەزىرى نۇرى سېيىد بىرلەشمىنىڭ زۇڭلىسى بولغان. 7-ئايدا ئىراقتا ئىنقىلاب پارتلاپ، فايسال خاندانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ بىرلەشمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان؛ 8-ئايدا ھۈسەيى بىرلەشمىنىڭ تارقىتۋېتىلگەنلىكىنى رەسمىي جاكارلىغان.