Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەرەب ئافرىقا ھەمكارلىق يىغىنى
دۇنيا تارىخى
تۆتىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىدىن كېيىن نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن چاقىرغان يىغىن. 1974-يىل 1-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە قاھىرەدە ئېچىلغان، يىغىنغا ئون ئەرەب دۆلىتىنىڭ نېفىت مىنىستىرى ۋە ئافرىقىدىكى يەتتە دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قاتناشقان. يىغىندا ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئەرەب بانكىسى قۇرۇش؛ ئەرەب - ئافرىقا ياردەم فوندى تەسىس قىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت سېتىۋېلىشى ياكى ئىقتىسادىي بايلىقىنى ئېچىشى ئۈچۈن قەرز پۇل بىلەن تەمىنلەش قارار قىلىنغان. يەنە كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، ئەرەب نېفىتىنى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىك ئىرقچىلار ھاكىمىيىتىگە توشۇپ بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئالدىنى ئېلىش قارار قىلىنغان.