Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەنجام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاقىۋەت، ئاخىر، تۈگەش؛ نەتىجە، بېجىرىش؛ تۈگەللىنىش:
ئەزەلدىن جەھان رەسىمى ئەنجامىدا،
ئەمەس ئىنسۇجىن ئەسلە ئارامىدا.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئاياقلىشىش، ئاقىۋەت، نەتىجە؛ ئەنجام تاپماق - تۈگىمەك، تامام بولماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىلەر ياسىغان ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىدىغان ۋاستە.
دېھقانچىلىق سايمانلىرى، مېدىتسىنا ئەسۋانلىرى. تۆمۈر ئەسۋاب ئىشلىتىلمىسە دات باسىدۇ. ئىش قورالىڭ ساز بولسا، مۇشەققىتىڭ ئاز بولار. ھارۋىكەشنىڭ جابدۇقى پۈتمەس. ياغاچتا ياسالغان سايماننىڭ پانا يېمەيدىغىنى يوق. ئۇستام ئۈسكۈنىلىرى بىلەن ئاۋارە، قۇشناچىم ئۇپا - ئەڭلىكلىرى بىلەن ئاۋارە. دەستىگاھ پۇختىنىڭ ئىشى پۇختا. ئەنجام تولۇق بولسا، ئىش پۈتۈن بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
يېزت. ئائىلە سەرەمجانلىرى؛ زۆرۈر نەرسە - كېرەكلەر.
سەيدىخان ئاچىمۇ ئۇنىڭ سەپەر ئەنجاملىرىنى خۇرجۇنغا قاچىلاپ، پېشايۋاندا ھازىر بولدى.