Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەنجان قوزغىلىڭى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ چاررۇسىيىگە قارشى قوراللىق قوزغىلىڭى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. <ئەنجان غازىتى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قوزغىلاڭچىلار پەرغانە رايونىدىكى نامرات ئۆزبېك، تاجىك دېھقانلىرىنى ئاساس قىلدى، قوزغىلاڭچىغا نەقشبەندىيەنىڭ باشلىقى ئىشان مۇھەممەد ئەلى رەھبەرلىك قىلدى. قوزغىلاڭچىلار ئەنجان، مەرغىلان ۋە ئۇشقا تەڭ ھۇجۇم قىلىپ، قىرغىزىستاننىڭ بىر قىسىم رايونىنى ۋە سەمەرقەنت رايونىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، نامانگاننى مەركەز قىلغان قوقان خانلىقىنى قايتا قۇرۇشنى ۋە خانلىقنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پىلانلىدى. قوزغىلاڭچى قوشۇن 1898 - يىلى 5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى مىنگ - تېپې كىشىلەر قوشۇلۇپ قوزغىلاڭچىلار ئىككى مىڭ ئادەمگە يەتتى. قوزغىلاڭچىلار ئەنجان شەھىرىگە يېتىپ بارغاندا رۇس ئارمىيىسىنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ، چېچىلىپ كەتتى. 7 - ئاينىڭ 18 - كۈنى مەھەممەد ئەلى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ بەش داھىيىسى بىلەن ئانجاندا دارغا ئېسىلدى. 546 ئادەم سوراققا تارتىلىپ، سۈرگۈن قىلىندى ياكى ھاشارغا سېلىندى.