Uyghurئاساسىي لۇغەت
ئەنگلىيىگە قاراشلىق سومالى
دائىرە: دۇنيا تارىخىھامىيىلىقتىكى جاي - سومالى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سومالىنىڭ شىمالىي قىسمى ئەنگلىينىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان چاغدىكى ئاتىلىشى. 1884 - 1886-يىللىرى ئەنگلىيە يەرلىك قەبىلە باشلىقىنى ئالداپ <ھامىيلىق قىلىش شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. 1887-يىلى بۇ رايوننى ھامىيلىقتىكى دۆلەت دەپ جاكارلىغان. 1940-يىلى ئىتالىيە بىر مەھەل ئىگىلىۋالغان. ئىككىنچى يىلى ئەنگلىيە قايتۇرۇۋالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئاپتونوم ھۆكۈمەت قۇرۇلغان. 1960-يىل 6-ئاينىڭ 26-كۈنى مۇستەقىللىك جاكارلىغان. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى جەنۇبىي رايون (ئەسلىدە ئىتالىيىگە قاراشلىق سومالى) بىلەن بىرلىشىپ سومالى جۇمھۇرىيىتى بولۇپ قۇرۇلغان.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.